ئىستانبۇلدىكى توي مەرىكىلىرىمىزدىن تۇغۇلغان ئويلار

Sdílet
Vložit
  • čas přidán 7. 09. 2024
  • ھەر ساھەدىكىلەر ئادەتتە مىللەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ھەققىدە باش قاتۇرغىنىدا چوڭلار، مىللەت سەرخىللىرى ياكى سىياسىئونلىرىمىز، ئۆلىمالىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بىرلىشەلمەيدۇ؟ دەپ سوراش ئارقىلىق بىرلىشەلمەسلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى شۇلارغا ئارتىمىز. ئوخشاش مەنتىق بويىچە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەلمەسلىك، بۇ ئىشتا بىرلىشەلمەسلىك مەسئۇلىيىتىنى توي قىلماقچى بولغان قىز - يىگىت ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئارتساق توغرا بولارمۇ؟ كىچىك ئاشخانا خوجايىنلىرىغىمۇ بىرلىشىپ چوڭ ئاشخانا ياكى توي زالى ئاچالماسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئارتىشقا بولارمۇ؟
    توي مۇراسىملىرىدىمۇ ھەمكارلىشىش مۇسۇلمانلارئارا، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستانلىقلارئارا قېرىنداشلىق، بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئىپادىسى بولماسمۇ؟ ھەرقانداق جەمئىيەت ۋە توپلۇقتا تېپىلىدىغان ھەرخىل دىن، دۇنيا ۋە قىممەت قاراشقا ئىگە كىشىلەر بىزدىمۇ تېپىلىدۇ، بۇ مەلۇم مەنىدە بىزنىڭ نورمال جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەڭدارلىقىمىز ۋە بايلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى. مانا شۇ ئوخشىمىغان قاراش ۋە يوللارنىڭ يولۇچىسى بىزلەر دەل مۇشۇ مۇھاجىرەتتە تېپىشىپ قالدۇق. بىز بۇنىڭدىن ئىجابىي نەتىجىلەر چىقىرىشىمىز كېرەك. شۇ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىمىز كېرەك. كوللېكتىپ توي مۇراسىمى بولسا بۇ پۇرسەتلەرنىڭ ئەڭ يوللۇق ۋە ئەڭ جەلىبكار بولغانلىرىدىن دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.
    كوللېكتىپ توي ئىشلىرىغا بەزى خەير - ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى، ساخاۋەتلىك تىجارەتچىلەر… كۆڭۈل بۆلسە، باشقا مىللەتلەردىكىدەك كوللېكتىپ توي مەرىكىلىرى قانات يايسا بۇ ئۇيغۇرغا، مۇسۇلمانغا يارىشىدىغان ئېسىل ۋە بەرىكەتلىك ئىش بولاتتى. پەلەستىندە، مىسىردا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللەردە يۈزلەرچە جۈپكە بىر كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان ئىشلارنى چوڭ بايلار ئۈستىگە ئېلىپ بىر تۇتاشلا قىلىۋېتىدۇ. بىز ھەممىمىز يېنىمىزدىن چىقىرالايدىغان بولغاچقا بەلكىم ئۆزئارا كېلىشىپ يۈرمەي ئايرىم - ئايرىم ئۆتكۈزىشىمىز مۇمكىن. لېكىن ياشلارچۇ؟ بولۇپمۇ توي مەرىكىسى چىقىملىرى ئېغىر كېلىش ئېھتىمالى بار ئوقۇغۇچىلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قۇلايلاشتۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ شۇ توي - مەرىكىگە چىقىش قىلالماي توي قىلالمىغانلىقتىن يامان يوللارغا كىرىپ كېتىۋاتقان ياش پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىچۇ؟
    سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
    ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
    ۋاتسئاپ:
    00905511745625
    chat.whatsapp....
    chat.whatsapp....
    chat.whatsapp....
    chat.whatsapp....
    تېلېگرام قانىلى:
    t.me/EastTurki...
    جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
    ھ. 1443 / م. 2022
    ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
    sajiya.biz/?p=...

Komentáře • 2